مالايشىيا ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا تونىل ئاچقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

مالايشىيا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستتا، مەسجىدى ئەقسانىڭ جەنۇبىدىكى سىلۋان مەھەللىسىگە جايلاشقان بۇراق تېمى ئاستىدىن تونىل ئاچقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1229917
مالايشىيا ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا تونىل ئاچقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيفىددىن ئابدۇللاھ مىنىستىرلىقنىڭ زىياپىتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ دۈشەنبە كۈنى شەرقىي قۇددۇستا قازغان تونىللىرى ئۈستىدە توختالدى.

سەيفىددىن ئابدۇللاھ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ماقۇللىغان بۇ قارارىنى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنداق ھەرىكەتنىڭ پەلەستىنلىكلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

سەيفىددىن ئابدۇللاھ: «ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا ھەرگىز كۆز يۇممايمىز. بۇ مەسلىدىكى قەتئىي ئىرادىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ يېنىدا ئورۇن ئالىمىز» دېدى.

سەيفىددىن ئابدۇللاھ ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى تىنچلىق باسقۇچىغا زىيان سالىدىغان پائالىيەتلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى مەسجىدى ئەقسانىڭ سىلۋان مەھەللىسىگە جايلاشقان ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئېتىقادىغا كۆرە، مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان سىلۋان كۆلىدىن ھەرەم شەرىپنىڭ بۇراق تېمىغىچە تۇتۇشىدىغان بىر تونىل قازغان ئىدى. 

قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن تونىلنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى جاسون گرېنبىلات، ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى داۋىد فرېدمان بىلەن بىرگە يەنە، نۇرغۇن ساندا ئىسرائلىىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مىنىستىرلىرىمۇ قاتناشقان ئىدى. 

بۇ تونىل ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ ئەتراپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە يەھۇدىيلار «داۋۇدنىڭ شەھىرى» دەپ ئاتايدىغان، سىلۋان مەھەللىسى بىلەن شەرقىي قۇددۇسنىڭ ھەممىدە ئارخىئولوگىيەلىك قىزىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە ساياھەت ئىشلىرىدىن تەركىپ تاپقان «شالەم لايىھەسى» نىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ.

پەلەستىنلىكلەر شەرقىي قۇددۇسنىڭ كەلگۈسىدىكى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولىشىغا دائىر تەلەپلىرىدە چىڭ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىسرائلىيە بولسا، رايوننى يەھۇدىيلاشتۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق شەرقىي قۇددۇسنىڭ مۇسۇلمان ئەرەب كىملىكىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقتا. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر