ترامپ: ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا تۇتۇۋاتقان ھۇجۇمچى پوزىتسىيەسى ترامپ دەۋرىدە باشلىمىدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇمچى پوزىتسىيەلىرىنىڭ دونالد ترامپ دەۋرىدە باشلىمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1229685
ترامپ: ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا تۇتۇۋاتقان ھۇجۇمچى پوزىتسىيەسى ترامپ دەۋرىدە باشلىمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، 1988 – يىلىدا ئامېرىكا پاراخوتىدىن ئېتىلغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئىران ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تەۋە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى چۈشۈرۈۋېتىشىنىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تارقاتقان تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا، «31 يىل ئىلگىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇرۇش پاراخوتى، IR655 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىران دېڭىز تەۋەلىكىدە ئېتىپ چۈشۈرۈپ،  66 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 290 كىشىنى ئۆلتۈردى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئۇچۇرىدا، ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون ۋەكىللىكىدىكى «ئۇرۇش تەرەپدارى» گۇرۇپپىلارغا ئىشارەت قىلغان زەرىف، «ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇمچى پوزىتسىيەسى دونالد ترامپ بىلەن باشلانمىدى. جاسارەت، يىراقنى كۆرەرلىك ۋە ئۇرۇشقا خۇمار ب گۇرۇپپىسىغا قارشىلىق كۆرسىتىش بۇنىڭغا خاتىمە بېرەلىشى مۇمكىن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر