كېنىيەدە ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى باش كۆتۈردى

كېنىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە كۆرۈلگەن قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن ماي ۋە ئىيۇن ئېيىدا تەخمىنەن 1 مىليون 600 مىڭ ئادەمنىڭ ئاچارچىلىق خەۋپىگە دۇچ كەلدى.

1229599
كېنىيەدە ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى باش كۆتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنىيە مەملىكەتلىك قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مەركىزىنىڭ «2019 – يىللىق پەسىللىك ئاشلىق بىخەتەرلىكى دوكلاتى» غا ئاساسلانغاندا، قۇرغاقچىلىقنىڭ تېرىقچىلىق رايونلىرى ۋە يايلاقلارغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئادەم ئاچارچىلىق ۋە سۇسىزلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ماي ۋە ئىيۇن ئېيىدا تەخمىنەن 1 مىليون 600 مىڭ ئادەم ئاچارچلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ ساننىڭ ئىيۇل ئېيىدا 2 مىليوندىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

دوكلاتتا، قۇرغاقچىلىقنىڭ تەبىئىي مەھسۇلى بولغان ئاشلىق ۋە سۇ كىرىزىسى، دۆلەتنىڭ بولۇپمۇ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن، تۇركانا، مارسابىت، ۋاجىر، بارىنگو، گارىسسا، تانا ۋە ئىسىئولوغا ئوخشاش رايونلارنىڭ جىددىي ياردەمگە موھتاج بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر