ئەردوغان خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوخشاش نىشانغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1228734
ئەردوغان خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ماقالىسى خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى خىتايدا ئىنگىلىزچە چىقىدىغان يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدە ۋە «Huánqiú Shíbào» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى.

 ئەردوغان يەنە خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇانىڭمۇ سۆھبەر زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئەردوغان ماقالىسىدا، نۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. يېڭى دۇنيا تۈزۈمى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ يەلكىسىگە چوڭ مەسئۇلىيەتلەرنىڭ يۈكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋ مۇقىملىقىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى شۇنداقلا كۆپ تەرەپلىمىلىك رىغبەتلەندۈرىلىشى ۋە ئەركىن سودىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىشى قاتارلىق ساھەلەردە خىتاي بىلەن ئوخشاش نىشانغا ئىگىمىز» دېدى.

تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، كېچىكىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات پەرقىنى 21ئەسىردە پۈتۈنلەي يۇقۇتۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.   

ئەردوغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بەلگىلەنگەن «تۈرىيەگە 1 مىليون خىتاي ساياھەتچى يوللاش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇنتاسىۋەت بىلەن تېخىمۇ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ «بىر يول، بىر بەلباغ» لايىھەسىنى ئەڭ دەسلەپ قوللىغان دۆلەتلەردىن بىرسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى تەڭپۇڭلۇققا ئىگە قىلغان ئاساستا يۇقىرى كۆتۈرۈش مەسلىسىدىمۇ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي كارخانىچىلارنى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىق قىلىپ، تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىدا ئورۇن ئېلىشىدىن مەمنۇن بوزلغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنى قەيت قىلدى. 

ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«خىتايلىق دوستلىرىمىز بىلەن بۇ ئۇچرىشىشلارنى ۋە كېڭەشلەرنى قويۇقلاشتۇرغاندا، مۇناسىەتلىرىمىزنىڭ سىياسەت، سودا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تەرەققىي قىلدىغانلىقىغا شاھىت بولىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. خەلقئارا بازارلاردا ئېنىقسىزلىق داۋاملىشىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئالدىنقى قاتاردىكى ئاكتىيورلاردىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاي ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە مۇناسىۋەتلەرنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئەڭ توغرا يول دەپ قارايمەن» 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئايرىم ۋە ھەيئەتلەرئارا ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر