سۈرىيەدە مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە 2460 كىشى تۇتۇپ كېتىلدى

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى «SNHR» سۈرىيەدە مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن تۇتۇپ كېتىلگەن جەمئىي 2460 كىشىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ بەششار ئەسەد قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1228860
سۈرىيەدە مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە 2460 كىشى تۇتۇپ كېتىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى «SNHR» نىڭ تۇتۇپ كېتىلگەن ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا 117 ى كىچىك بالا ۋە 122 ئايال بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا تۇتۇپ كېتىلگەنلەردىن 204 كىشىنىڭ قەستەن يوق قىلىۋىتىلگەنلىكى ۋە ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىران تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلىنىۋاتقان چەت ئەللىك تېررورچىلاردىن تەشكىل تاپقان تېررورچى قىسىملارنىڭ بولسا، %80 ى كىچىك بالا %90 ى ئاياللار بولۇپ، جەمئىي 1733 كىشىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى جايلاردا 22 كىچىك بالا 16 ئايال بولۇپ، جەمئىي 337 كىشىنى سەۋەپسىز تۇتۇپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ھەربىي قوزغىلاڭچىلار ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ 14 ى كىشىك بالا 9 ى ئايال بولۇپ، جەمئىي 347 كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن. دائېش بولسا بۇ مەزگىلدە 1 كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 16 كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن.  

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى «SNHR»، بۇ يىل دېكابىردا 567، فىۋرالدا 347، مارتتا 357، ئاپرىلدا 459، مايدا 394، ئىيۇندا 336 كىشىنىڭ سۈرىيەدىكى توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۈرىيەدىكى قوزغىلاڭچى مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ يىل ئاز دېگەندىمۇ 500 كىشى ئەسەد ھۆكۈمىتى تۈرمىلىرىگە سولانغان.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى «SNHR» نىڭ 30ئاپرىلدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ تاكى 2019يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، يۈز مىڭلىغان كىشىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى ۋە بۇلاردىن 14 مىڭ 9 كىشىنى قىيىن - قىستاق بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر