ئىران قۇيۇقلاندۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇردى

ئىران دائىرىلىرى، قۇيۇقلاندۇرۇلغان ئۇران مىقدارىنى يادرو كېلىشىمىدە كۆرسىتىلگەن 300 كىلوگىرام زاپاسلاش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1228220
ئىران قۇيۇقلاندۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – فارسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېھران دائىرىلىرى %3.67 لىك قۇيۇقلاندۇرۇلغان ئۇران مىقدارىنى يادرو كېلىشىمىدە كۆرسىتىلگەن 300 كىلوگىرام زاپاسلاش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن.

تېھران، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئۆتكەن چارشەنبە كۈنىدىن بۇيان ئىراننىڭ قۇيۇقلاندۇرۇلغان ئۇران مىقدارىنى ئۆلچەش ئارقىلىق زاپاس مىقدارىنىڭ 300 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى باياناتچىسى بەھرۇز كەمالۋەندى 26 – ئىيۇندا بايانات بېرىپ، كېلىشىمنىڭ ياۋروپادىكى تەرەپلىرىگە بېرىلگەن مۆھلەت توشقاندىن كېيىن، قۇيۇقلاندۇرۇلغان ئۇران مىقدارىنىڭ ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىران ھۆكۈمىتى، 8 – مايدا ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرىغا قارشى كېلىشىمگە تەرەپ بولغان دۆلەتلەرگە 60 كۈن مۆھلەت بېرىدىغانلىقىنى، مۆھلەت توشقاندىن كېيىن قۇيۇقلاندۇرۇلغان ئۇران مىقدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.


خەتكۈچ: #ئۇران , #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر