ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن قورالسىزلاندۇرۇلغان رايوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدىكى «قورالسىزلاندۇرۇلغان رايون» دا كۆرۈشتى.

1227471
ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن قورالسىزلاندۇرۇلغان رايوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى رەھبەر قورالىسزلاندۇرۇلغان رايوندا قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى؛ ترامپ چېگرانىڭ شىمالىي كورېيە تەرىپىگە ئۆتۈپ، بۇ دۆلەت زېمىنلىرىغا قەدەم باسقان تۇنجى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولدى.

كىم جوڭئۇن، ترامپنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى رىشتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ قىسقا زىيارەتنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ترامپنىڭ چېگرانىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈشىگە «ناخۇش ئۆتمۈشكە خاتىمە بېرىدىغان جەسۇر ۋە قەتئىي بىر قەدەم» دەپ باھا بەردى.

دونالد ترامپمۇ چېگرانىڭ شىمالىي كورېيە تەرىپىگە قەدەم باسقان تۇنجى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇشتىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە كىم جوڭئۇن بىلەن بولغان دوستلۇقىغا يۇقىرى باھا بەردى.

ئىككى رەھبەر بۇنىڭدىن بۇرۇن سىنگاپۇر ۋە ۋېيىتنامدا كۆرۈشكەن. 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيەگە بارغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن «قورالسىزلاندۇرۇلغان رايون» دا كۆرۈشۈشنى تەكلىپ قىلغان، شىمالىي كورېيە بولسا، بۇ تەكلىپكە «ناھايىتى قىزىقارلىق بىر تەكلىپ» دەپ ئىنكاس قايتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر