ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە»ھەربىي ھەرىكىتى توختاۋسىز داۋاملاشماقتا

ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاكۇرك رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «پەنچە»ھەربىي ھەرىكىتىدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1226711
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە»ھەربىي ھەرىكىتى توختاۋسىز داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاكۇرك رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «پەنچە»ھەربىي ھەرىكىتىدە 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھەربىي ھەرىكەت قوزغىلىپ ھازىرغىچە 60 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«پەنچە»ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقتىكى بازىلىرىمۇ بومباردىمان قىلىنماقتا.

قاندىل، ئاۋاشىن، باسيان ۋە مەتېنا رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 52 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە بولسا 112 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

قەندىلگە ھاۋادىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە قورال-ياراغ ئىسكىلاتى ۋە قونالغۇلار بومباردىمان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر