گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنى ئىككىنجى قېتىم يەنە تىترەش كېسىلى تۇتتى

ئانگېلا مېركېل پىرېزېدنېتلىققا تەۋە بېللېۋۇ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى ئەدلىيە مىنىستىرى چرىستاين لامبىرېچكە گۇۋاھنامە بېرىش مۇراسىمىدا تىترەشكە باشلىدى.

1226134
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنى ئىككىنجى قېتىم يەنە تىترەش كېسىلى تۇتتى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىردىنلا پۈتۈن ۋجۇدى لاغىلداپ تىترەشكە باشلىغان مېركېلنىڭ ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقى، بىراق يەنىلا تىترەشنى توختىتالمىغانلىقى كۆرۈلدى.

مېركېل تىترەشتىن كېيىن ئۆزىگە سۇنۇلغان سۇنى رەت قىلدى.

مېركىلنىڭ ئىككىنچى قېتىم يەنە تىترىشى گېرمانىيە مېدىياسىدا سالامەتلىكى ھەققىدە ھەر خىل سوئاللارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىغا سەۋەب بولدى.

ئالدىنقى ھەپتە گېرمانىيەگە زىيارەتكە كەلگەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسىكىينى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىمۇ مېركېلنى تىترەك كېسىلى تۇتقان ئىدى.

يۈزىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ، بەدەن كونىروللۇقىنى يوقۇتۇپ قويۇش ئالدىدا تۇرغان مېركېلنىڭ يېقىلىپ چۈشمەسلىك ئۈچۈن مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگۈپ، قوللىرىنى بىر بىرىگە گىرەلەشتۈرىشكە تىرىشىشى دىققەت تارتقان ئىدى.

مېركېل تىترەپ كېتىشىگە ھاۋانىڭ ئىسسىقىلىقى سۇ يېتىشمەسلىكىنى سەۋەب كۆرسەتكەن ئىدى.

باش مىنىستىر مېركىل پىلانغا بىنائەن بۈگۈن گ 20 رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئوساكاغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر