سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارغا ئائىت بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈردى
سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلار تەرىپىدىن يوللانغان بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ «ئەسىر رايونى» غا جايلاشقان ھامىس مۇشايت شەھىرىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇسىيلار تەرىپىدىن يوللانغان بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى «ئەسىر رايونى» غا جايلاشقان ھامىس مۇشايت شەھىرىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن.
ھۇسىيلار يېقىندىن بۇيان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرى ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانغا نىسبەتەن جىددىي تەھدىت شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغانىدى. ئۆتكەن ھەپتە ھۇسىيلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جىزان ئايرودۇرۇمىغا يەمەندىن يوللانغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.
ھۇسىيلار 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان يەمەننىڭ پايتەختى سانا ۋە بىر قىسىم رايونلارنى كونتىرول قىلماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بولسا، 2005 – يىلى مارتتىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىگە ياردەم بەرمەكتە.