گۇتېررېس خەلقئارانى ئىككى دۆلەتلىك تىنچلىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى
ىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس خەلقئارانى ئىككى دۆلەتلىك تىنچلىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس خەلقئارانى ئوتتۇرا شەرقتە ئىككى دۆلەتلىك تىنچلىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.
ئانتونيو گۇتېررېس ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم ئاگېنتلىقىغا خالىسانە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان ئىئانىچىلەر قاتناشقان يىغىندا سۆز قىلدى.
ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم ئاگېنتلىقىنىڭ 70يىلدىن بۇيان پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان گۇتېررېس: ھەم پەلەستىنكلەر ھەمدە ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ھەل قىلىدىغان سىياسىي چارىنىڭ تېپىلماسلىقى تىراگېدىيەدۇر، دېدى.
گۇتېررېس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ تىنچلىق ۋە ئامانلىق ئىچىدە بىر يەردە ياشىشىنى مەقسەت قىلىدىغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەت تولىمۇ مۇھىمدۇر.»
ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم ئاگېنتلىقىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختالغان باش كاتىپ گۇتېررېس: مىليونلارچە ئۆسمۈر ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم ئاگېنتلىقىنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىدىن بەھرىمان بولماقتا، لېكىن مىليونلارچە پەلەستىنلىك بالا ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم ئاگېنتلىقىنىڭ خىزمەتلىرىدىن بەھرىمان بولالمىدى. ئەزا دۆلەتلەر ۋە باشقىلارنىڭ ياردەملىرى تۈرتكىسىدە ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم ئاگېنتلىقى ناھايىتى ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارماقتا، دېدى.
باش كاتىپ گۇتېررېس ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم ئاگېنتلىقىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ مۇھىم ئورگاننىڭ ياردەم خىزمەتلىرىنىڭ توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن خەلقئارانىڭ ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى چاقىردى.