ئىران، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئىرانغا ئالاقىدار يىغىنغا قاتناشتۇرۇلماسلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ماجىد تاختراۋانچى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنغا ئىراننىڭ قاتناشتۇرۇلماسلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1224635
ئىران، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئىرانغا ئالاقىدار يىغىنغا قاتناشتۇرۇلماسلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاختراۋانچى، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن چاقىرىلغان ئىرانغا ئالاقىدار يىغىن داۋاملىشىۋاتقان ئەسنادا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىنغا قاتنىشىشلىرىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن تاختراۋانچى، «ھاۋا ساھەسى ئامېرىكىنىڭ ئىككى جاسۇس ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە، ئىراننىڭ بۈگۈن ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ھەققى بار ئىدى. بۇ، بىزنىڭ ب د ت ئەھدىنامىسىدا كۆرسىتىلگەن ھەققىمىز» دېدى.

ئۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تەلەپلىرىنى ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «بىزنىڭ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىش ھەققىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىشتى. بۈگۈن ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئامېرىكا تەرىپىدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا ۋاقىپلاندۇرۇلماقتا. ئامېرىكا، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى سۈپىتىدە ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلماقتا ۋە بۇ ئورگاننىڭ ئىرانغا قارشى سىياسىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كېڭەشنى خاتا يۆنىلىشكە باشلىماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، قوللىرىدا ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىران ھاۋا تەۋەلىكىدە چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىگە دائىر خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلىدىغان ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەرخىل ئۇچۇرلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋېتىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن تاختراۋانچى، «ئىران، ب د ت ئەھدىنامىسى دائىرىسىدە ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىدىن پايلاندى» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ ئىراننى ھۇرمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت ھۇجۇملىرىنىڭ جاۋابكارى، دەپ كۆرسىتىشىگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن تاختراۋانچى، «بۇ دەۋانى رەت قىلىمىز. ئىران، ياپونىيە پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې تېھراندا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈۋاتقاندا پارتلىتىپ قانداق مەنپەئەت يارىتىشى مۇمكىن؟ بۇنىڭدىنمۇ كۈلكىلىك بىر دەۋا بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ، ئىراننىڭ دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، بۇنى ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسقا بىلدۈرگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

تاختراۋانچى، دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مۇئەييەن ئاتموسفېرانىڭ شەكىللىنىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر