ئەرەب ياشلىرى: ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە دۇنيا رەھبىرى ئەردوغان

ئەرەب ياشلىرى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى دۇنيا رەھبىرى دەپ قارايدىكەن.

1224757
ئەرەب ياشلىرى: ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە دۇنيا رەھبىرى ئەردوغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب دۆلەتلىرىدە 25 مىڭ ياش  بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئەرەب ياشلىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى دۇنيا رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئەڭ ئىجابىي ۋە ئىشەنچىلىك دۆلەت ئەربابى، دەپ قارايدىكەن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنى بولسا، ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارايدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئەرەبلەر ئارىسىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى قوللايدىغانلارنىڭ نىسبىتى % 51 كە يېتىدىكەن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى قوللايدىغانلارنىڭ نىسبىتى % 28، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ  ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى قوللايدىغانلارنىڭ نىسبىتى % 12 ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر