«پەلەستىن دەۋاسى سېتىلىدىغان مال ئەمەس»

لىۋان مۇفتىسى ئابدۇللەتىف دەريان پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا تۇرۇشلۇق ھەر قايسى دۆلەتلەردە پۇقرالىق بېرىلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1224949
«پەلەستىن دەۋاسى سېتىلىدىغان مال ئەمەس»

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان مۇفتىسى ئابدۇللەتىف دەريان پەلەستىنگە زورلاپ تېڭىلىۋاتقان «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» گە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەرەبلەرنىڭ بىرلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

لىۋان مۇفتىسى ئابدۇللەتىف دەريان «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» گە شۇنداقلا بەھرەينىڭ پايتەختى مانامادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «باياشاتلىق ئۈچۈن تىنچلىق» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يازما بايانات ئېلان قىلدى.

پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە پۇقرالىق بېرىلىشىگە دائىر قاراشلارنى رەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«پەلەستىن دەۋاسى سېتىلىدىغان مال ئەمەس، دەل ئەكسىچە پەلەستىنلىك ئەرەبلەرنىڭ، رەھىمسىز دۈشمەن تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان زېمىنلىرىغا قايتىش دەۋاسىدۇر. ئەرەب دۆلەتلىرىنى مىلياردلاپ دوللارلار بىلەن ئالداشقا ئۇرۇنىۋاتقانلارنىڭ پەلەستىن قاتارلىق ئەرەب زېمىنلىرىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ قويۇشى لازىم. مىراسىمىز، ئەخلاقىمىز ۋە دىنىمىز بىزگە بۇ خىل قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان تەكلىپلەرگە قارشى بىرلىشىپ كۈچىيىمىزنى ۋە غۇرۇرۇلۇق بولۇشىمىزنى بۇيرۇيدۇ» 

ئاق ساراي ئاخبارات ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بەھرەيننىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا بۈگۈن پايتەخت مانامادا «باياشاتلىق ئۈچۈن تىنچلىق» تېمىسىدا ئىقتىسادىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. 

مۇھاكىمە يىغىنىڭ ئىسرائىلىيە پەلەستىن مەسلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا دائىر تەپسىلاتى قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى تېخىچە ئېنىق بولمىغان ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» پىلانى دائىرىسىدىكى تۇنجى يىغىلىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

پەلەستىن ھۆكۈمىتى بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپلا قلاماستىن بەلكى يەنە يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىش ممۇمكىنچىلىكى بولغان دۆلەتلەرگىمۇ بۇ تەكلىپنى بايقۇت (رەت) قىلىش چاقىرىقىدا بولغان ئىدى. 

بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قاتار پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقىغا پىسەنت قىلماستىن، مانامادىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىىشدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر