لاۋروۋ: سۈرىيە ۋە بەسرە قولتۇقىدىكى ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك...

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، بەسرە قولتۇقى ۋە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1224642
لاۋروۋ: سۈرىيە ۋە بەسرە قولتۇقىدىكى ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك...
misir-rusya disisleri ve savunma bakanlari.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرگېي لاۋروۋ، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۇكرى ۋە مىسىر مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد زەكى موسكۋادا كۆرۈشتى.

لاۋروۋ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، «ھەرقانداق بىر رايوندا بىر دۆلەتكە قارشى كۈرەش قىلىش، ئۇ دۆلەتنى يالغۇز قالدۇرۇش، تەكشۈرمەستىنلا ھەرقانداق بىر ۋەقەگە چېتىپ ئەيىبلەش ناچار ئىش. بۇ پوزىتسىيە ئۈنۈم يارىتالمايدۇ» دېدى.

بەسرە قولتۇقى ۋە سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن لاۋروۋ، «سۈرىيە زېمىنلىرىنى ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئارىسىدىكى توقۇنۇش ساھەسىگە ئايلاندۇرۇش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلار كىرىزىسنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، رۇسىيەنىڭ، بەسرە قولتۇقىدا بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى مەسىلىسىدە، ئىران ۋە ئەرەبلەر ئارىسىدىكى دىيالوگنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۇكرىمۇ، «مىسىرنىڭ بەھرەيىن خىزمەت مۇنبىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشىنىڭ ئۈنۈمى نېمە؟» دېگەن سوئالغا «پەلەستىنلىكلەرنى قوللاش سىياسىتىمىز، پەلەستىن مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەرەپلەر بىلەن ئوخشاش بولمىغان مۇنبەرلەردە كۆرۈشۈشىمىزگە توسالغۇ ئەمەس» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر