ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى <S-400> نى ماختىماقتا

ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

1224754
ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى <S-400> نى ماختىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى «رۇسىيەنىڭ <S-400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىدىن تېخىمۇ ياخشى تاللاش بولىدۇ» دەپ قارىماقتا.

ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سابىق باش ئىشتاب مۇئاۋىن باشلىقى كاپىل كاك ۋە پاكىستان ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسى «ISI» نىڭ سابىق دىرېكتورى گېنېرال ئەھسەنۇل ھەق، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئۆز مەنپەئەتىنى زورلاپ تېڭىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ ئەكسىچە تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ ئەسلىدە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقىغا ھۇجۇم قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كاپىل كاك «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنۇقتىسدىن شۇنداقلا ھازىرقى دۇنيانىڭ رادار، تەقىپ قىلىش، ئىزدەش، يۈكسەكلىك ئۆلچەملىرى جەھەتتىن ئەڭ ياخشى مۇداپىئە سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى  بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەش تەكلىپىنىڭ، ھىندىستاننىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالايدىغان تاللاش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

پاكىستان ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسى «ISI» نىڭ سابىق دىرېكتورى گېنېرال ئەھسەنۇل ھەق بولسا، «<S-400> مەسىلىسىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دىپلوماتىك ھەل قىلىش يولىنى تېپىشى لازىم. تۈركىيە بىلەن بولغان سياسىي ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى قوغداپ قېلىشى كېرەك» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر