دائېشقا ئەزا 14 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى ۋە بىر كاتتىبېشى نازارەتكە ئېلىندى
ئىراقنىڭ كەركۈك ۋىلايىتىدە دائېشقا ئەزا 14 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، كەركۈكتە ئىتتىپاقداش قىسىملارغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە، دائېشقا ئەزا 14 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ۋە دائېشنىڭ رەھبىرىي قاتلىمىدا ئورۇن ئالغان بىر كاتتىبېشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، كەركۈك ۋىلايىتى مەركىزىدىكى ۋەھدە رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتنىڭ 2 كۈن داۋاملاشقانلىقى، نۇرغۇن ساندا قورال - ياراق ۋە تەشكىلات ماتېرىياللىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
دائېش يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئىراقنىڭ شەرقىدىكى دىيالا، شىمالىدىكى كەركۈك ۋە سالاھىددىن شەھەرلىرىدە پات – پات تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.
ئىراق ھۆكۈمىتى 2017 – يىلى دېكابىردا دائېشنىڭ قولىدىكى ئىراققا تەۋە بارلىق جايلارنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.