پومپېيو ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك زىيارىتىنى باشلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئىران بىلەن ھەم شەرتسىز مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ھەمدە ئىرانغا قارشى دۇنيا خاراكتېرلىك بىرلەشمە ئۈچۈن قەدەم باسىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1223967
پومپېيو ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئىرانغا قارشى دۇنيا خاراكتېرلىك بىرلەشمىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى بېسىش مەقسىتىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلىدۇ.

ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن جوينت ئاندجۇۋس (Joint Andrews) ئايرودۇرۇمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، كۈنتەرتىپنىڭ ئىران مەسىلىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشلار، ئىرانغا قارشى دۇنيا خاراكتېرلىك بىرلەشمىنىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مەسئۇللىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن قانداق ئورۇندا ئىكەنلىكىمىزنى ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئاسىيا بىلەن ياۋروپادىمۇ ئىرانغا قارشى دۇنيا خاراكتېرلىك بىرلەشمىنى قانداق قۇرىدىغانلىقىمىزنى مۇزاكىرە قىلىمىز» دېدى.

ئۇ باياناتىدا: «ئالدىن شەرت قويماستىن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييارمىز. بىزنى قەيەردىن تاپىدىغانلىقلىرىنى بىلىدۇ. بىز بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا تەييار بولغاندا، مۇزاكىرەلەرنى باشلايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. پىرېزىدېنت ترامپ ئېيتقانغا ئوخشاش، ئىران خەلقى ئۈچۈن پارلاق ئىستىقبال تەلەپ قىلىمىز. بۇ مۇزاكىرەلەر ئۇلار ئۈچۈن چىقىش يولى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

مايك پومپېيو سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلكىدىن كېيىن، ھىندىستاننى، ئارقىدىن ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنى زىيارەت قىلىدۇ.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن (23-ئىيۇن) بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى، ئالدىن شەرت قويۇلمىغاندا، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 ئۇ يەنە، ئىراننىڭ ئىقتيىسادىي جەھەتتىن قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىگە ۋە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە ئوچۇق پوزىتسىيەدە ئىكەنلكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئىران كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدۇ. مېنىڭ كېلىشىمىم يادرو قورالىغا مۇناسىۋەتلىك. ئىران يادرو قورالىغا ئىگە بولالمايدۇ. ھازىرقى ئەھۋالىدىن خۇشال دەپ ئويلىمايمەن. ئىقتىسادىي ھەقىقەتەن ناچار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر