ئەسەد كۈچلىرى پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىپ، كەم دېگەندە 5 پۇقرانىڭ ئۆلۈمى، 23 پۇقرانىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.

1223527
ئەسەد كۈچلىرى پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئىدلىبنىڭ سەراقىب ناھىيەسىدە 2، كەنسەفرا بازىرىدا 1، خان ئەسۇبۇل ۋە مارزىتە يېزىلىرىدا بىردىن بولۇپ جەمئىي 5 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

پۇقراۋى قوغدىنىش خادىملىرى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھەربىي ئۆكتىچىلەرنىڭ ئايروپىلان كۆزىتىش مەركىزى رۇسىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ ھاما ۋىلايىتىنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى ئىچىدىكى كەفەر زىتا ۋە لاتامىنە ناھىيەلىرى بىلەن تەل مەلەھ ۋە جۇببەين يېزىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتى ئىچكى ئۇرۇش باشلىغاندىن بۇيان ئاساسەن دېگۈدەك ئۆكتىچىلەرنىڭ قەلئەسى بولۇپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە ئىچكى كۆچ بىلەن نوپۇسى 4 مىليونغا يەتكەن ئىدلىب مەركىزى، 2015 – يىلى مارتتا ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى. ئىدلىب ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ئەڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر