ئامېرىكادا قانۇنۇسىز كۆچمەنلەرنى يېغىپ قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتى يەكشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۆچمەنلىك ۋە چېگرا مۇداپىئە باشقارمىسىغا ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى يەكشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن يېغىشقا بۇيرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1223054
ئامېرىكادا قانۇنۇسىز كۆچمەنلەرنى يېغىپ قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتى يەكشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگىتون پۇچتا گېزىتىنىڭ مەسىلىگە ئالاقىدار 3 مەنبەلىك خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ترامپ كۆچمەنلىك ۋە چېگرا مۇداپىئە باشقارمىسىغا يوليۇرۇق بېرىپ، چېگرىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئىلگىرى ئۆزلىرىگە مەلۇمات يوللانغان ئائىلىلەرنى يەكشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن بىر يەرگە يىغىشقا بۇيرىغان.

تارامپنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئەتىگەن سەھەردە باشلىنىدىغان بېسىپ كېرىپ نازارەتكە ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ ھوستون، چىكاگو، مىيامى، لوس ئانجېلېس قاتارلىق كۆچمەنلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردە باشلىنىدىغانلىقى ۋە 2 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ بىۋاستە تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. 

ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىغا ۋاكالىتەن كېۋىن مىك ئالېنان كۆچمەنلىك ۋە چېگرا مۇداپىئە باشقارمىسىغا ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولۇپ، بۇ كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەتنىڭ كىچىك بالىلارنى ئائىلىلىرىدىن ئايرىپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر