ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىرانغا تەھدىت سالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۆلىتىگە ئائىت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن ئىرانغا تەھدىت سالدى.

1222424
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىرانغا تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىران بىزنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىمىزنى چۈشۈرۈۋېتىپ ناھايىتى چوڭ خاتا قىلدى» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ترامپ كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو بىلەن ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى جەريانىدا، ئامېرىكا – ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش توغرۇلۇق توختالغاندا، «ئىران بىزنىڭ خەلقئارالىق سۇ تەۋەلىكىدە ئۇچۇۋاتقان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىمىزنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش بىلەن ناھايىتى چوڭ خاتا قىلدى، بىزنىڭ ئىلمىي جەھەتتىن بۇنىڭغا قارىتا دەلىل – ئىسپاتلىرىمىز بار، بىزنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىمىزنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلەر ئەخمەق، بىكار تەلەپ كىشىلەر بولسا كېرەك.»

ترامپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا قارىتا ھۇجۇم قىلىش پىلانى بارمۇ؟» تەرىسىقىدىكى بىر سوئالغا، «پىلانىمىز بار – يوقلۇقىنى يېقىندا كۆرىسىلەر» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسى تۈنۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە «ئۇممان قولتۇقى» غا قىرغاقداش بولغان ھۈرمۈزگان ئۆلكىسىگە قاراشلىق قۇھمۇبارەك شەھىرى ساھىلىدا «ئىراننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت « RQ-4 Global Hawk » تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى بولسا، مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدە ئۇچۇۋاتقاندا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر