ترامپ: ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇمنى 10 مىنۇت قالغاندا توختاتتىم

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن كەچتە ئىراننىڭ 3 يېرىگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى، بىراق ھۇجۇم قىلىشقا 10 مىنۇت قالغاندا ھۇجۇم قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېيتتى.

1222986
ترامپ: ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇمنى 10 مىنۇت قالغاندا توختاتتىم

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ: «ھۇجۇم قىلغان بولساق، 3 مۇئەسسىسە پاچاقلىناتتى ۋە 150 كىشى ئۆلەتتى» دېدى.

ترامپ: «ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇمنى 10 مىنۇت قالغاندا توختاتتىم، چۈنكى تەڭپۇڭسىز ھۇجۇم بولۇپ قالاتتى. ئىران مەسىلىسىدە ئالدىراش يوق. ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارغا كىچىدە يېڭىلىرى قوشۇلدى» دېدى. 

دونالد ترامپ ھۇجۇمنى نېمە ئۈچۈن توختاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىنسانلارنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، شۇڭا ھۇجۇمنى توختاتتىم» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننىڭ يادرولۇق قورالغا ئىگە بولۇشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر