بەسرە قولتۇقىدا ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە تەۋە ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى چەكلەندى

بەسرە ۋە ئۇممان قولتۇقىدىكى ئىرانغا تەۋە ھاۋا تەۋەلىكىدە ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە تەۋە ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى چەكلىگەندى.

1222775
بەسرە قولتۇقىدا  ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە تەۋە ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فېدراتىپ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىراننىڭ ئامېرىكانىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىشىدىن كېيىن، بەسرە ۋە ئۇممان قولتۇقىدىكى ئىرانغا تەۋە ھاۋا تەۋەلىكىدە ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فېدراتىپ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ، بەسرە ۋە ئۇممان قولتۇقىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا ئامېرىكاغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئەسنادا رايوندا  باشقا يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فېدراتىپ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، بەسرە ۋە ئۇممان قولتۇقىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى تۈنۈگۈن ئەتىگەندە ئۇممان قولتۇقى بويىغا جايلاشقان ھۇرمۇزگان ۋىلايىتىگە قاراشلىق كۇھمۇبارەك ساھىلىدا «ئىران ھاۋا تەۋەلىكىگە بېسىپ كىرگەن»ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە « RQ-4 Global Hawk » تىپلىق ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ راكېتامىيوت ئارقىلىق ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا ئارمىيە قوماندانلىق باش ئىشتابى بۇ ۋەقەنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن  « RQ-4 Global Hawk » تىپلىق ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ خەلقئارا ھاۋا تەۋەلىكىدە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

 

 


خەتكۈچ: #ئامېرىكا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر