ئىران ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
ئىران دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ھۈرمۈزگان ئۆلكىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئائىت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇۇتۇردى.
1222102
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىگە ئائىت «خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسى ھاۋا – ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرى «ئۇممان قولتۇقى» غا قىرغاقداش بولغان ھۈرمۈزگان ئۆلكىسىگە قاراشلىق كۇھمۇبارەك شەھىرى ساھىلىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت « Global Hawk » تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن.