شى جىنپىڭ شىمالىي كورېيەدە

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن شىمالىي كورېيەگە كەتتى.

1221639
شى جىنپىڭ شىمالىي كورېيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ دۆلەتكە كەتكەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، 2005 – يىلدىن بۇيان شىمالىي كورېيەدە دۆلەت رەئىسى سۈپىتىدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان تۇنجى خىتاي دۆلەت باشلىقى بولدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەتىگەن تەرەپلەردە شىمالىي كورېيەنىڭ پايتەختى پىيوڭياڭغا يېتىپ بارغان شى جىنپىڭ، ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان زىيارىتىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن خىتاي – شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلارمۇ زىيارىتىدە شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولغان.

شى جىنپىڭ شىمالىي كورېيەدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2008 - يىلى مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە زىيارەتتە بولغانىدى.

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرو پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزگەن بىر قىسىم ئېمبارگولىرىنى قوللىشىدىن كېيىن، خىتاي – شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلىشىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر