مېركېل: «مۇستەقىل كورد دۆلىتى» قۇرۇلۇشىغا قارشىمىز

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئىراقتا «مۇستەقىل كورد دۆلىتى» قۇرۇلۇشىغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1222196
مېركېل: «مۇستەقىل كورد دۆلىتى» قۇرۇلۇشىغا قارشىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېركېل سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىگمار گابرىئېلنىڭ يۇرتى بولغان ئاستىن ساكسونىيە ئۆلكىسىنىڭ گوسلار شەھىرىدە گابرىئېل بىلەن بىرلىكتە بىر مەكتەپنى زىيارەت قىلغاندا، مۇنداق دېدى: «مەن ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىمەن. <مۇستەقىل كورد دۆلىتى> نىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ رايوندا تىنچلىق ئورنىتىشىغا قىلچە پايدىسى يوق، دەپ قارايمەن. ئەمما ئىراقتا ياشاۋاتقان كوردلارغا ھەققانىيەت ئاساسىدا خاتىرجەم ياشاش مۇھىتى يارىتىپ بېرىلىشى كېرەك.»

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى» نىمۇ قوللىمىغانىدى.

ئۇ، ئالدىنقى يىللاردىمۇ، ئىراقتا «مۇستەقىل كورد دۆلىتى» قۇرۇلۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى، ھەم ئىراق رەھبەرلىرىنىڭ بېرلىن زىيارەتلىرى جەريانىدا، ھەمدە باشقا خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە ئوتتۇرىغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر