خۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان بالاستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى

خۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەربىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھەربىي بازىلارغا قىلغان بالاستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشى ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1222067
خۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان بالاستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلمەسىرە تىلىۋىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان خۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى گېنېرال يەھيا سەرى سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيەسىنىڭ چەنۇپتىكى نەجران رايونىدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملىرىغا بالاستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

بالاستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ دەل نىشاننى نەتىجىلىك پاچاقلاپ تاشىلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان گېنېرال يەھيا سەرى ھۇجۇمدا ئونلىغان كىشى ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلىقىنى، سىن قەيتلىرىدىمۇ بۇنىڭ كۆرۈنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

گېنېرال يەھيا سەرى قەيت قىلىنغان كۆرۈنۈشلەرنى كېيىن ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ سەئۇدى ئەربىستان سىپىدە چوڭ مالمانچىلىقنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتقان.

سەئۇدى ئەرەبىستان تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلنىمىدى.

گېنېرال يەھيا سەرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جازان ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى كروز باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. 

يەھيا سەرى يەنە سەئۇدى ئەربىستانغا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر