ب د ت قاشىقچى جىنايىتىدە تۈركىيەدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى (OHCHR) سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى جىنايىتىنىڭ ئېنىقلىنىشى ئۈچۈن قىلغان ھەمكارلىقى ئۈچۈن «تۈركىيەدىن مىننەتدار» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1221579
ب د ت قاشىقچى جىنايىتىدە تۈركىيەدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى سوتسىز ۋە قالايمىقان ئۆلۈم جازالىرى ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئانىيېس كاللىمارخ (Agnes Callamard)، جەمال قاشىقچى جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەييارلىغان دوكلات ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن، «جىنايەتنىڭ تەكشۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك قىلغان ھەمكارلىقى ۋە نامايان قىلغان ياخشى نىيىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مىننەتدار» بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئېلان قىلغان 101 بەتلىك دوكلاتتا، جەمال قاشىقچىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنىڭ جاۋابكارىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.

دوكلاتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئىشەنچلىك ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن ئىدى.

«سەئۇدى ئەرەبىستان دىپلوماتىك ئىمتىيازلارنى سۈيىئىستېمال قىلماسلىق ۋە ئۆز زېمىنى سىرتىدا زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەسلىك پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئەپۇ سورىشى كېرەك» دېيىلگەن ب د ت دوكلاتىدا يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەمال قاشىقچى ياشايدىغان ئامېرىكادىنمۇ ئەپۇ سورىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى 2018-يىلى 2-ئۆكتەبىر توي رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا بارغاندا، ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر