شاناھان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، نۆۋەتتە مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پاترىك شاناھاننىڭ «مۇداپىئە مىنىستىرى نامزاتلىقى» دىن چېكىنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ پاترىك شاناھاننىڭ مىنىستىر نامزاتلىقى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «بۈگۈنگىچە ناھايىتى ياخشى خىزمەت قىلغان مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شاناھان، مىنىستىر نامزاتلىقى مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرماسلىقنى قارار قىلدى، ئۇ بۇ ئارقىلىق ئائىلىسىگە تېخىمۇ ۋاقىت ئاجرىتالايدۇ. پەۋقۇلئاددە خىزمەتلىرى ئۈچۈن پاترىكقا رەھمەت ئېيتىمەن. قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش كاتىپى مارك ئاسپېر يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ماركنى تونۇيمەن، ئۇنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىشلەيدىغانلىقىدىن شۈبھىلەنمەيمەن» دېدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ترامپ بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا يازما بايانات ئېلان قىلغان پاترىك شاناھان، چېكىنىش قارارىنىڭ پۈتۈنلەي ئائىلىسىدىكى ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.