پومپېيو موغېرىنى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالاھىدە ۋەكىلى فېدېرىكا موغېرىنى بىلەن كۆرۈشتى.

1221340
پومپېيو موغېرىنى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس ۋاشىنگتوندا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىش توغرۇلۇق ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، پومپېيو بىلەن موغېرىنىنىڭ، ئۇچرىشىشتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ  بارغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچرىشىش جەريانىدا، ياۋروپانىڭ مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىكى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، ئافغانىستان، ئىران، لىۋىيە، كۇبا، مولداۋىيە، غەربىي بالقان رايونى، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر