چىلىدا زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىىنىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

چىلىدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ 24 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1221343
چىلىدا زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىىنىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىلى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنىڭ بىئو – بىئو ۋە پۇئېرتو مونت رايونلىرىدىمۇ يەنە ئىككى كىشى زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، چىلىدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 24 كە يەتكەن.

رايونلۇق سەھىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ھېكتور مۇنوزنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەتتە زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 495 تىن 690 غا يەتكەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانلارنىڭ سانى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 41 كۆپەيگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر