ئىسپانىيەدە گالىسيا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىباشلىرى قولغا چۈشتى

ئىسپانىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان گالىسيا ئاپتونوم رايونىدا گالىسيا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىباشلىرى قولغا چۈشتى.

1219577
ئىسپانىيەدە گالىسيا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىباشلىرى قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان گالىسيا ئاپتونوم رايونىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان  گالىسيا ناملىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىككى كاتتىبېشى قولغا چۈشتى.

ئىسپانىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى « EFE » نىڭ ژاندارما قومانلىق مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا تايىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، گالىسيانىڭ ۋىگو شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە گالىسيا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىباشلىرىدىن ئانتون گارسىيا ۋە ئاسۇنكىيۇن لوسادانىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، ئانتون گارسىيا ۋە ئاسۇنكىيۇن لوسادانىڭ 2006-يىلدىن بۇيان گالىسيا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مەسئۇل بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئانتون گارسىيا ۋە ئاسۇنكىيۇن لوسادانىڭ كېيىنكى 13 يىلدا سىياسىي پارتىيەلەر، دۆلەت ئورۇنلىرى، بانكىلار ۋە شىركەتلەرگە قىلىنغان 13دەك تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

گالىسيا تېررورلۇق تەشكىلاتى گالىسيا رايونىدا 1970-يىللاردىن بۇيان كىچىك كۆلەملىك تېررورلۇق قىلمىشلىرى سادىر قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر