ھىندونېزىيەدە يەنە يەر تەۋرىدى

ھىندونېزىيەنىڭ مالۇكۇ ئۆلكىسىدە 6.4 بال يەر تەۋرىدى.

1218930
ھىندونېزىيەدە يەنە يەر تەۋرىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە مېتېئورولوگىيە، مۇھىت ۋە گىئوفىزىكا ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ شەرقىي جەنۇپتىكى مالۇكۇ رايونىدىن 216 كېلومېتىر شەرقىي جەنۇپ تەرىپىدە، يەر يۈزىدىن 144 كېلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا قەيت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

ھىندونېزىيە مېتېئورولوگىيە، مۇھىت ۋە گىئو فىزىكا ئىدارىسى بىلەن تىنچ ئوكيان دېڭىز تاشقىنى ئىدارىسى يەر تەۋەرشتىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلمىدى.

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەلىرى كۆرۈلمىگەن.

ھىندونېزىيەدە 2018يىلى 28سىنتەبىردە سۇلاپېسى ئارالىغا جايلاشقان پالۇ دېڭىز قولتۇقىدا 7.5 بال يەر تەۋرەپ، ئارقىدىنلا يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنى دوڭگالا، پالۇ ۋە سىگى رايونلىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. شۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىدا 4340 كىشى ئۆلگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر