تاجىكىستاندا ئەردوغان بىلەن شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە

تاجىكىستاندا چاقىرىلىدىغان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇرىدىغان تەدبىرلەر ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىداجۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.

1218600
تاجىكىستاندا ئەردوغان بىلەن شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسىيادىكى 13 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تاجىكىستاندا چاقىرىلىدىغان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇرىدىغان تەدبىرلەر ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

پايتەخت دۈشەنبەدە ئەتە باشلىنىپ ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي كېنبېكوۋ، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدېۋ، باڭلادېش پىرېزىدېنتى ئابدۇل ھامىد، سىرى لانكا پىرېزىدېنتى مايترىپالا سىرىسېنا ۋە ئافغانىستان دۆلەتلىك ئىجرائىيە كېڭىشى باشلىقى ئابدۇللا ئابدۇللا ئىشتىراك قىلىدۇ.

بەزى دۆلەتلەردىنمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئىشتىراك قىلىدىغان بۇ قېتىمقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسى ۋە تۈرك تىلى پاراڭلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلار كېڭىشى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىدۇ.

بۇ قېتىمقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئەسناسىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى قاتارلىقلار رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.

ئاسىيا قىتئەسىدە ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇرىدىغان تەدبىرلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرمۇ كېڭەش قىلىنىدۇ. يىغىندىن كېيىن «دۈشەنبە خىتابنامىسى»ماقۇللىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر