سۇداندا يېڭى بىر ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

سۇدان مۇۋەققەت ھەربىي كېڭىشىنىڭ بىر خادىمى، 8 – ئىيۇن شەنبە كۈنى بىر تۈركۈم ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1217982
سۇداندا يېڭى بىر ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان مۇۋەققەت ھەربىي كېڭىشىنىڭ بىر خادىمى، 8 – ئىيۇن شەنبە كۈنى 70 تىن ئارتۇق ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە دەم ئېلىشقا چىققان ئوفېتسىرنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىشى خالىمىغان مەزكۇر خادىم، دەم ئېلىشقا چىققان 3 ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم ئوفېتسىرنىڭ ئۇرۇنۇشىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ۋە كېرەكلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئۇرۇنۇشنىڭ ئارمىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىكى قىسىملىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەزكۇر خادىم، ۋەقە بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ قارالغان 4 ئوفېتسىرنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈپ، پايتەختتىكى ئارمىيە باش ئىشتابىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

سۇدان مۇۋەققەت ھەربىي كېڭىشى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر