رۇسىيە گولۇنوۋغا قارىتىلغان نەزەربەندنى بىكار قىلدى

رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلادىمىر كولوكولتىسېۋ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغان ژۇرنالىست ئىۋان گولۇنوۋغا قارىتىلغان نازارەتنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1216939
رۇسىيە گولۇنوۋغا قارىتىلغان نەزەربەندنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلادىمىر كولوكولتىسېۋ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغان ژۇرنالىست ئىۋان گولۇنوۋغا قارىتىلغان نازارەتنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا دائىر پاكىت تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئىۋان گولۇنوۋغا قارىتىلغان قانۇنىي تەكشۈرۈشنى توختىتىش قارار قىلىندى» دېدى.

گولۇنوۋغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان نەزەربەندنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر كولوكولتىسېۋ، بارلىق ئەيىبلەشنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنىڭ، گولۇنوۋنى نازارەت ئاستىغا ئالغان ساقچىلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ قانۇنىيلىقىغا قاراپ چىقىلىشى ئۈچۈن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن كولوكولتىسېۋ، «تەكشۈرۈش بويىچە مۇناسىۋەتلىك ساقچىلار ۋەزىپىلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان بولىدۇ» دېدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلادىمىر كولوكولتىسېۋ، گولۇنوۋ ۋەقەسى توغرىسىدا پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىندىن موسكۋا جامائەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مۇدىرى بىرىگادا گېنېرالى ئاندرېي پۇچكوۋ بىلەن موسكۋا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىش تارمىقى مۇدىرى بىرىگادا گېنېرالى يۇرىي دېۋياتكىننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر