رۇھانى ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكانىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1217393
رۇھانى ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئېمبارگولىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ بۈگۈن (12-ئىيۇن) ئىرانغا يېتىپ كەلگەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى بىلەن ۋە ئەتە (13-ئىيۇن) قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكانىڭ دۆلىتىمىزگە قىلىۋاتقان بېسىملىرى يۇقىرى چەككە يەتتى، ئەمما ئېمبارگولارنىڭ كۈچى ئەمەلىيەتتە يوق بولۇش ئالدىدا. ئېمبارگولار ۋە بېسىملار تەسىر كۈچىنى يوقاتتى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.»

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەھۋاللىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، بىراق بۇنىڭ بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكانىڭ دۆلىتىمىزگە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىلدىكى ئېمبارگولىرى تارىختا ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىدى. ب د ت يولى بىلەن دۆلىتىمىزگە قارشى يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار بىلەن ئامېرىكانىڭ بۈگۈنكى ئېمبارگولىرىنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

ئۇ 10-ئىيۇن (دۈشەنبە) تېھراننى زىيارەت قىلغان گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاسنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خاتا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى قارىشىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «بىزگە يامانلىق قىلماقچى بولغانلارنى، ھەق-ھوقۇق، ئادالەت ۋە مۇزاكىرە ئۈستىلىگە تارتىمىز، شۇنداقلا خاتا قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلىمىز. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆلچەمسىز سۆز قىلغان بولسا، ھازىر مۆتىدىل قىلىدىغان بولدى. كىرگەن خاتا يولدىن كەينىگە چېكىنىدۇ، بۇنىڭدا ھېچقانداق گۇمان يوق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر