ئىران نيۇ يورك تايمىز گېزىتى مۇخبىرىنىڭ مۇخبىرلىق پائالىيەتلىرىنى چەكلىدى

ئىران، ئامېرىكادا چىقىدىغان نيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىدى.

1216356
ئىران نيۇ يورك تايمىز گېزىتى مۇخبىرىنىڭ مۇخبىرلىق پائالىيەتلىرىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېھران دائىرىلىرى، گېزىتنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى توماس ئېردبرىنكنىڭ مۇخبىرلىق قىلىش ئىجازەتنامىسىنى سەۋەب كۆرسەتمەستىنلا ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مۇخبىرلىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن.

2012 – يىلىدىن بۇيان ئىراندا مۇخبىرلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان گوللاندىيە پۇقراسى ئېردبرىنكنىڭ مۇخبرلىق ئىجازەتنامىسىنىڭ ئىران ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، فېۋرال ئېيىدىن بۇيان مۇخبىرلىق خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرالمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىمۇ، نيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ گوللاندىيەلىك مۇخبىرىنىڭ مۇخبىرلىق ئىجازەتنامىسىنىڭ فېۋرال ئېيىدىن بۇيان ئۇزارتىپ بېرىلمىگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

تېھران دائىرىلىرى، 2015 – يىلى ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى جاسون رىزائىياننى جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ قاماققا ھۆكۈم قىلغان. رىزائىيان، 2016 – يىلى يانۋاردا يادرو كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندا، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ئىمزالانغان تۇتقۇنلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئاساسەن قويۇپ بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر