شىئە ھۇسىيلار «دۈشمەنلىرى»گە تۇيۇقسىز زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

شىئە ھۇسىيلار يەمەن خەلقىگە ھۇجۇم قوزغىغانلارغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1212604
شىئە ھۇسىيلار «دۈشمەنلىرى»گە تۇيۇقسىز زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى؛ پايتەخت سەنئانى تىزگىنلىۋالغان شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال مۇھەممەد ناسىر ئەل ئاتىفى، يەمەن خەلقىگە ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرى«ھەربىي تەييارلىق كومىتېتى»يىغىنىدا سۆز قىلغان گېنېرال ئاتىفى: ئىنسانسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە راكېتامىيوت بولۇپ نۇرغۇن ئىلغار قورال ياساپ چىقتۇق، دېدى.

يەمەنگە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ كېلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە يېپىق شەكىلدە تەھدىت سالغان ئاتىفى مۇنۇلارنى قەيت قىلدى: «يەمەن خەلقىگە ھۇجۇم قىلغان ھاكاۋۇرلارغا تۇيۇقسىزلا زەربە بېرىمىز ۋە ئۇلار نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ.»

ھەر خىل ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ياساپ چىقىش خىزمەتلىرىنىڭ تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئاتىفى، شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ دۈشمەن زېمىنىدىكى مۇھىم جايلارغا ھۇجۇم قوزغاش ئارقىلىق، مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

شىئە ھۇسىيلار يېقىنقى كۈنلەردە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مۇھىم جايلارغا ئىنسانسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قوزغاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىدىكى يەنبۇ پورتىغا نېفىت ماڭىدىغان تۇرۇببا لىنىيەلىرىمۇ بار.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر