مالايشىيا خىتايغا 200 مىڭ توننا پالما مېيى ئېكسپورت قىلدى

مالايشىيا ھۆكۈمىتى خىتايغا 200 مىڭ توننا پالما مېيى ئېكسپورت قىلدى.

1212665
مالايشىيا خىتايغا 200 مىڭ توننا پالما مېيى ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيانىڭ خىتايغا 200 مىڭ توننا پالما مېيى ئېكسپورت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەرلىك تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مالايشىيانىڭ خىتايغا تەخمىنەن 145 مىليون دوللار قىممىتىدە 200 مىڭ توننا پالما مېيى ئېكسپورت قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

مالايشىيانىڭ پالما مېيى بەدىلىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مالايشىيانى ئۇل ئەسلىھە خىزمەتلىرى ۋە مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مالايشىيا ھۆكۈمىتى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پالما مېيىغا ئېمبارگو قويۇشىدىن كېيىن، ئامبارلىرىدىكى پالما مېيىنى سېتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

بۇ دائىرىدە بۇ يىل ئاپرېلدا خىتايغا 5 يىل ئىچىدە 1 مىليون 900 مىڭ توننا پالما مېيى سېتىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزگەن مالايشىيا، تۈركىيە ۋە پاكىستانغىمۇ پالما مېيى ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر