«ئامېرىكا بارلىق زىيىنىمىزنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك ، بولمىسا مۇزكىرە ئۆتكۈزمەيمىز»

ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئالىي كېڭىشى باش كاتىپى ئەلى شەمھانى ئىران تارتقان زىياننىڭ چوقۇم تۆلەپ بېرىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

1212301
«ئامېرىكا بارلىق زىيىنىمىزنى تۆلەپ بېرىشى  كېرەك ، بولمىسا مۇزكىرە ئۆتكۈزمەيمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئالىي  كېڭىشى باش كاتىپى ئەلى شەمھانى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلىشتىن ئىلگىرى، ئىران تارتقان زىياننىڭ چوقۇم تۆلەپ بېرىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

ئىران تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، باياناتچى شەمھانىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تېھران ھۆكۈمىتى بىلەن مۇزكىرە ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتچى شەمھانى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا مۇزكىرىلەرنى بېسىم ۋە پىسخىكىلىق ئۇرۇش جەريانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرۈۋاتىدۇ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋاستىسى سۈپىتىدە كۆرمەيۋاتىدۇ. »

ئىراننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان باياناتچى شەمھانى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىزگە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى قىلىشتىن ئىلگىرى، بىز ھازىرغىچە تارتقان بارلىق زىيىنىمىزنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر