كابۇلدا ناتو ھەربىي ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچراپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرىغا ئائىت ھەربىي ئاپتوموبىلغا ئاپتوموبىل بومبا ئارقىلىق قىلىنغان ھۇجۇمدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1212078
كابۇلدا ناتو ھەربىي ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچراپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نەسرەت راھىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرىغا ئائىت ھەربىي ئاپتوموبىل كابۇلنىڭ يېكا تۇت رايونىدا  كېتىۋاتقاندا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3 پۇقرا يارىلانغان.

راھىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇمدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرىدىن ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى تېخىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان تالىبان، ۋەقەدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرىدىن 10 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر