ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتى جانغا زامىن بولدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە ئوخايو ئىشتاتىدا بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1210250
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوخايو ئىشتاتىدا بوران - چاپقۇن ئۇچۇرتۇپ كەتكەن بىر ئاپتوموبىلنىڭ بىر ئۆيگە سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئۆيدىكى 81 ياشلىق بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئۇدا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە 90 كىشى يارىلاندى.
ھەرقايسى ئىشتاتلاردا ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بوران - چاپقۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان بەزى مەكتەپلەر تاقالدى.