تۈركىيە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى شەرقىي ئاق دېڭىز سىياسىتى توغرىسىدا ۋاقىپلاندۇردى

تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئەنقەرەنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىز سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

1209428
تۈركىيە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى شەرقىي ئاق دېڭىز سىياسىتى توغرىسىدا ۋاقىپلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دائىمىي ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ كېڭىيىش ۋە تۈركىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملىرى بىلەن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا كۆرۈشۈپ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىز سىياسىتى توغرىسىدا ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىككى تەرەپ سىياسىي ئىشلار ۋە دېڭىزچىلىق – ئاۋىياتسىيە، چېگرا ئىشلىرى باش مۇدىرى، باش ئەلچى چاغاتاي ئەرجىيەس، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى ھىدروكاربون مەنبەلىرىگە ئالاقىدار پائالىيەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇننى چىقىش قىلىدىغان يوللۇق ھوقۇقنى تايانچ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى باياناتلىرىنىڭ بىر تەرەپنىڭ دەۋالىرىنى چىقىش قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەرجىيەس، «ياۋروپا ئىتتىپاقى، تۈركىيەنى، ئەزاسى بولغان بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىسالىسىمۇ، تۈركىيەنى، بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى دۆلەتنىڭ دېڭىزدىكى سالاھىيەت ساھەلىرى توغرىسىدىكى دەۋالىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىيالمايدۇ. بۇ خەلقئارا قانۇنغا ماس كەلمەيدۇ» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشقا ئەزالىرى ئارىسىدا دېڭىزدىكى سالاھىيەت ساھەلىرى توغرىسىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر باش كۆتۈرگەندە، بۇنداق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەنلىكىگە ۋە بۇنىڭ يېڭى بىر خىل پوزىتسىيە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئەرجىيەس، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر