لىۋىيەدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 562 گە يەتتى

لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرابلۇس ئەتراپىدا يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان كۈچىيىپ كەتكەن توقۇنۇشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 562 كە يەتتى.

1209719
لىۋىيەدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 562 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ترابلۇستىكى توقۇنۇشلاردا 40 نەپىرى پۇقرا بولۇپ جەمئىي 562 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 2855 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى ھەربىي كۈچلەرنىڭ لىدىرى گېنېرال ھافتەرنىڭ 4 – ئاپرېلدا پايتەخت ترابلۇسنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرۈشىدىن كېيىن، لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى قىسىملىرىمۇ «غەزەپ يالقۇنى» ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.

2011 – يىلىدىن بۇيان قانۇنىيلىق كىرىزىسى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان لىۋىيەدە خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى قىسىملىرى بىلەن گېنېرال خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق كۈچلەر ئارىسىدا 2 ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.


خەتكۈچ: #لىۋىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر