شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى جون بولتوننى ئەيىبلىدى

شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتوننى ئەيىبلىدى.

1208978
شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى جون بولتوننى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتوننى قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى توغرۇلۇق دېگەن سۆزلىرى تۈپەيلى قاتتىق ئەيىبلىدى.

يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى « KCNA»نىڭ مەلۇماتىغا تايىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ «شىمالىي كورېيەنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلىپ بارغان قىسقا مۇساپىلىك سىناقلىرى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىغا زىت»دېگەن جون بولتوننى «خەۋپسىزلىككە زىيان بېرىدىغان مەسلىھەتچى»دەپ تەرىپلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتچى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىنىڭ «شىمالىي كورېيەنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىش»بولىدىغانلىقىنى ياقلاپ، بۇ قارارلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ قارارلار بىلەن ئۆزلىرىنى چۈشەپ قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باياناتچى: ھەربىي تاكتىكلىرىمىز ھېچكىمنى نىشان قىلمايدۇ ۋە ھېچكىمگە تەھدىت سالمايدۇ، لېكىن جون بولتون ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىمىزنى ئىزچىل دەپ كېلىۋاتىدۇ، دېدى.

باياناتچى جون بولتوننىڭ «ئۇرۇشخۇمار بىرسى»ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەمنىڭ بىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنىڭ ئورنىغا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىككە زىيان سېلىپ كېلىۋاتقان «بۇزغۇنچى مەسلىھەتچى»ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جون بولتون«ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ»دېيىش ئارقىلىق، شىمالىي كورېيەنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلىپ بارغان يادرو سىناقلىرىنىڭ «گۇمانلىق»ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

شىمالىي كورېيە ئارمىيەسى 4-مايدا شىمالىي كورېيەدىكى ۋونسان شەھىرىدىن بىردىن ئارتۇق قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى شەرقىي دېڭىزغا (ياپون دېڭىز)قويۇپ بەرگەنىدى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ يىل 9-مايدا شىمالىي پىيوڭياڭ رايونىدىن شەرقتىكى رايونلارغا قارىتىپ 2 قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ 420 كىلومېتىرلىق مۇساپە باسقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر