ترامپ: شىمالىي كورېيەنىڭ قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىدىن بىئاراملىق ھېس قىلمىدى

ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، شىمالىي كورېيەنىڭ قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىدىن بىئاراملىق ھېس قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1208406
ترامپ: شىمالىي كورېيەنىڭ قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىدىن بىئاراملىق ھېس قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ يېڭى ئېمپىراتورى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلىش مەقسىتىدە پايتەخت توكيوغا بارغان ترامپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق شىمالىي كورېيەنىڭ قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى توغرىسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، «شىمالىي كورېيە خەلقىمنىڭ بىر قىسمىنى بىئارام قىلىدىغان كىچىك قوراللارنى سىناق قىلدى. بىراق بۇلار مېنى بىئارام قىلمىدى» دېدى ۋە شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

توكيودا بۈگۈن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن گولف ئوينىدى. ئۇ تۈنۈگۈن نىسسان، خوندا، سوفتبانك ۋە راكۇتېنغا ئوخشاش ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كەچلىك زىياپەتتە كۆرۈشكەنىدى.

ترامپ زىياپەت جەريانىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ياخشى پۇرسەتنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئادىل شۇنداقلا ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق رەۋىشتە كېلىشىم تۈزۈش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

دونالد ترامپنىڭ ياپونىيە زىيارىتى دائىرىسىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن ئامېرىكا – ياپونىيە ئىككى تەرەپ سودا ۋە خەۋپسىزلىك مۇناسىۋەتلىرى، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر