فېيسبۇك 2 مىلياردتىن ئارتۇق سەھىپىنى ئۆچۈرۈۋەتتى
ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى فېيسبۇك 2019 – يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى ئىچىدە 2.2 مىليارد يالغان سەھىپىنى ئۆچۈرۈۋەتتى.
1207627
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: « فېيسبۇك » شىركىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە « فېيسبۇك » سەھىپىلىرىدە باشقىلارنى بىئارام قىلىدىغان ئۇچۇرلار كۆپىيىپ كەتكەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە باشقىلارنىڭ سەھىپىلىرىگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، شىركەت 2018 – يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە 1.2 مىليارد يالغان سەھىپىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن بولۇپ، بۇ يىل ئۆچۈرۈۋېتىلگەن يالغان سەھىپىلەرنىڭ سانى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ « فېيسبۇك » تەرىپىدىن بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كۆپ سەھىپىلەرنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.