ماھاتىر مۇھەممەد پەلەستىن مەسلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى

مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد: «ئەگەر دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن بىر پۇرسەت بار، دېيىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا پەلەستىن مەسلىسىنىڭ ھەل بولۇشى شەرتتۇر» دېدى.

1206474
ماھاتىر مۇھەممەد پەلەستىن مەسلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماھاتىر مۇھەممەد مالايشىيانىڭ ئىدارىي ئىشلار پايتەختى پۇتراجايادا پەلەستىنلىكلەرگە ئىپتار زىياپىتى بەردى. پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسى ۋە مالايشىيانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەتچى سىياسەتلىرىگە قارشى پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختالدى. 

مالايشىيانىڭ پەلەستىن داۋاسىغا بولغان ساداقىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋە ھەر دائىم پەلەستىنلىكلەرنىڭ يېنىدا سەپ تۇتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ماھاتىر مۇھەممەد: «ئىسرائىليە ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم ۋە ئادالەتسىزلىكلىرى داۋاملىشىدىكەن، بىزمۇ بۇنىڭغا ھەرگىز سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز» دېدى. 

ماھاتىر مۇھەممەد ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورلۇقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ئىسرائىلىيە يولغا قويغان دۆلەت تېررورىنىڭ بىۋاستە نەتىجىسىدۇر. بۇ مەسىلە غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن نەزەردىن ساقىت قىلىنماقتا» دېدى.  

ماھاتىر مۇھەممەد پەلەستىن مەسلىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىملىقى ئۈستىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى:

«ئەگەر دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن بىر پۇرسەت بار، دېيىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا پەلەستىن مەسلىسىنىڭ ھەل بولۇشى شەرتتۇر. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتچىلىك ئۆي ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان پەلەستىنلەرگە بىر چارە تېپىشى لازىم. ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ قانۇنسىزلىق بىلەن تارتىۋالغان زېمىنلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم. ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ پەلەستىندىكى ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىلىشى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئانا ۋەتىنىگە قايتىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىش لازىم» 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر