پۇتىن مېركېل ۋە ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1206138
پۇتىن مېركېل ۋە ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، سۈرىيە كىرىزىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، پىرېزىدېنت پۇتىن سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا مۇقىملىق ئورنىتىش، پۇقرالارنى قوغداش ۋە تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە قوللىنىلىۋاتقان تەسدبىرلەر ھەققىدە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلگە مەلۇمات بەردى. تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، سۈرىيەدە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇپ چىقىش ۋە سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى. پۇتىن ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ مىنىسك كېلىشىمى دائىرىسىدە ھەل قىلىنىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. جۈملىدىن، دونېتسك ۋە لۇگانسك رايونلىرىنىڭ ئالاھىدە ئورنىغا ئالاقىدار قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ، كىيېۋ بىلەن دونېتسك ۋە لۇگانسك رايونلىرى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە دىيالوگ ئورنىتىلىشى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر